ۋېرۇس: بۇيەرگە ھەرگىز چېقىلماڭ . ئىچىدە ئالتۇن بار ..

  • ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم كەم دىدار بىلوگ ئىشتىراكچىلىرىم!

    ئالدى بىلەن يىڭى يىلىڭلارنى قۇتلۇقلايمەن :   يىڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن . يىڭى يىلدىكى بارلىق ئىشلىرىڭلارغا ئاللاھ بەركەت بەرسۇن.

    ئەمدى سىلەردىن ئۇزۇندىن بېرى بلوگۇمنى يىڭىلىيالمىغانلىقىم ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمەن .  بىلوگباس سۇپىسىدىن ۋوردپرېسس پىلانتىسىغا كۆچۈش سەۋەبلىك بىلوگنى يىڭىلىمىغان ،ۋېرۇس بىلوگى  ئەمدى يىڭىچە قىياپەت بىلەن سىزلەرگە قايتا ئېچىۋېتىلدى. تېخىمۇ مول مەزمۇنلار ئۈزۈلدۈرمەي يوللىنىپ تۇرىدۇ . 

    يىڭى بىلوگ ئادىرسسى :www.wiros.tk

  • بۈگۈن يەنە ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بىر قاتار دەرىسلىكلەرنى ئېلىپ كەلدىم ! ئەمما يامان يېرى بۇ دەرىسلىكلەر  ئېنگىلىزچە ،( چەتنىڭكىنى ئويناپ قويدۇققۇ ) لېكىن ئېنگىكىزچىنى چوقۇم بىلىشىڭىز شەرت ئەمەس ، خەنزۇچىنى بىلسىڭىزمۇ بولىدۇ . مەن ئېنگىلىزچىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىشنى ئۈگۈتۈپ قويىمەن. ( ئەلۋەتتە سەمىمى بولىشىڭىز شەرت، چۈنكى ۋاقتىم قىس) .

    بۇلار 2010-يىللىق نادىر 15 دەرىسلىك ، نادىرىنى تېپىش ئۈچۈن چەت ئەلنىڭكىنى ئالمىساق بولمىغىدەك.بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقسىڭىزمۇ خېلى بىر نىمىلەرنى بىلىپ قالىسىز . كېيىنچە ۋاقتىم چىقسا تەرجىمە قىلىپ قويىمەن. قېنى ئەمسە دەرىسلىك ۋاشاڭ

  • سىزگە كېرەك بولغاندا تولا ئىزدەپ چارچىدىڭىزمۇ ؟  ياكى ئۆز قولىڭىز بىلەن ئىشلەپ بولالماي بىشىڭىز قاتتىمۇ ؟ باشقىلارنىڭ چىرايلىق لايىھەلىرىنى كۆرۈپ ئىچىڭىز قاتتىمۇ ؟  ھە_   نىمە دىمەكچى دەمسىز ؟  نىمە دەيتىم ، تەيياسىنى سىزگە بېرەي دەۋاتىمەن . قېنى بۇ چوتكىلاردا ئۆيىڭىزنى چىرايلىق ئاقارتىۋېلىڭ !

  •    مەيلى تەكشىلىك لايىھە سەنئىتى ياكى تور بەت لايىھەچىلىكى بولسۇن رەڭ تەڭشەش ئېنتايىن موھېم ئىش ھالقىسى ھېسابلىنىدۇ . رەڭلەرنىڭ ماسلىششى سىزنىڭ  لايىھەڭىزنى تېخىمۇ جانلىقلققا ئىگە قىلىدۇ . ھازىر ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتىدۇ ھەم ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۋاتىدۇ مەيلى "قارلۇق " ئۈچ ئۆلچەملىكى بولسۇن ياكى  "تۇغلان" لايىھە سىتودىيىسى بولسۇن رەڭ ئۈنىمىگە ئالاھېدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ئۆزىگە يارىشا ئۇسلۇب ياراتقان . ئەمما ئۇيغۇرلاردىكى ئەجەللىك ئاجىزلىقنىڭ بىرى بولىۋاتقىنى توربەت ساھەسىدىكى پۈچەكلىك .  نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر توربەتلىرىدىن كىشىگە زوق بېرىدىغىنى ئون نەچچىلا . ئەگەر ئەشۇ توربەت قۇرغۇچىلار ئۆزلىرىدە ئازىراق بولسىمۇ لايىھە ساپاسى ۋە رەڭ ئۇقىمى ھازىرلىغان بولسا ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن يەنىلا ئۆزلىرىگە ياخشىتى . شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن  بىر قانچە  رەڭ تەڭشەش توربەتلىرىنى ھەر قايسىڭىزلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇم . (ئېنگىلىزچىنى چۈشەنمىسىڭىز گوگىلنىڭ تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىڭ )  ئىشىنىمەنكى ئۇيغۇر توربىكەتچىلىكىنىڭ كەلگۈسى پارلارق . چۈنكى بىز گۈزەللىكنى سۆيىدىغان خەلىق ..

  • بۇ يەردە كىيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار . يەر شارىنىڭ بىر دانە كىچىك ئەزاسى بولۇش سۈپۈتۈن بىلەن مەجبۇرىيەت سۈپىتىدە تۆۋەندىكى تەشۋېق ۋاراقچىسىنى تارقىتىپ ئولتۇرۇپتىمەن .  لايىھەسىدىن ھوزۇرلىنىش بىلەن بىرگە موھېت مەسىلىسى ھەققىدە سىزمۇ ئويلىنىپ بېقىڭ !

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق